خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن يېڭى بىر زەربىدار ئەترەت كۆپەيتتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن يېڭى بىر زەربىدار ئەترەت كۆپەيتتى

خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قوراللىق ساقچى قىسمىغا قىسمىغا «تاغ بۈركۈتى» ناملىق يېڭى بىر زەربىدار ئەترەت قوشۇلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «تاغ بۈركۈتى» زەربىدار ئەترىتى ھەربىي قىسىمدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قوراللىق قىسىم بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىكەن.
مەزكۇر ئەترەت بىلەن تەڭ دەرىجىدە تۇرىدىغان ئەترەتتىن يەنە 2002-يىلى قۇرۇلغان «يىلپىز» زەربىدار ئەترىتى ۋە 1982-يىلى قۇرۇلغان «بۈركۈت» زەربىدار ئەترىتى بار ئىكەن. ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ ئىككى ئەترەت بېيجىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بارلىق ئۆلكىلەردىكى ئاتالمىش تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدىكەن. «تاغ بۈركۈتى» زەربىدار ئەترىتى بولسا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قاچان قۇرۇلغانلىقى ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «يىلپىز» زەربىدار ئەترىتى خوڭكوڭدىكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبلىك شېنجېن شەھىرىگە يۆتكەلگەن بولۇپ، غەربتە «تاغ بۈركۈتى»، جەنۇبتا «يىلپىز» ئوتتۇرىدا بولسا «بۈركۈت» زەربىدار ئەترىتى بولۇشتەك ھالەت شەكىللەنگەن.

بۇ خەۋەر 1179 قېتىم كۆرۈلدى
22/08/2019 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق