تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مائارىپ جەمئىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مائارىپ جەمئىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پىشقەدەملەر ۋە يۇرت چوڭلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 19-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەتنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مېھمانلارنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. مېھمانلار ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەشتى. مېھمانلار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۆز مەيدانىدا تەۋرەنمەستىن چىڭ تۇرۇپ خىزمەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ھەمدە مەنىۋى جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 1259 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2019 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق