ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان شۈكۈر ۋەقفى ھەيئىتى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان شۈكۈر ۋەقفى ھەيئىتى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى
ئاۋسترالىيەدە يېڭىدىن قۇرۇلغان شۈكۈر ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلار جەمئىيەت رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمدىن نۇزۇگۈم جەمئىيىتى، جەمئيەت ئەزالىرى، خىزمەتلىرى ۋە يېتىم بالىلارنىڭ كۈتۈنۈش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سورىدى. مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم مېھمانلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەپىسلىي تونۇشتۇردى.
مېھمانلار يېتىم بالىلارغا كېپىل بولۇش، ئۇلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇزۇگۇم جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

بۇ خەۋەر 1326 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2019 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق