گېرمانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ زىيارەت چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

 گېرمانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ زىيارەت چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خەلقئارا خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى بۇ دۈشەنبە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك گېرمانىيە ھەيئىتىنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلغانلىقىغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىم خىتاينىڭ چەكلىمىسى ئاساسلىقى گېرمانيە يېشىل پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق باياناتچىسى، پارلامېنت ئەزاسى مارگارىتا باۋزى (Margarete Bause)غا قارىتىلغان. مارگارىتا باۋزى بۇندىن بۇرۇن ئىزچىل خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قوللاشقا مەركەزلەشكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مارگارىتا باۋزى قاتناشقان ھەرقانداق ھەيئەتنىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا خىتاي تەرەپ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن زىيارەتكە بارماقچى بولغان يەنە بىر گېرمانىيە تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىمۇ رەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 800 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2019 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق