خىتاي پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى

دوۋېي خەۋەرلىرى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 1-سېنتەبىردىن باشلاپ 300 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتىدىن %10 قوشۇمچە باج ئېلىش قارارىنى ئىجرا قىلغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا قارشى قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى يىرىكچىلىكنى ئەۋجىگە چىقىرىشنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا پايدىلىق ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئامالنىڭ بېرىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ خاتالىقىدىن قايتىشى دوللار قىممىتىدىكى ، ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھازىرمۇ پۇرسىتى بارلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا داۋاملىشىشى پىلانلانغان سودا مۇزاكىرىسى مەسىلىسىدە «سەمىمىيىتى»نى نامايان قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ يالۋۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ھەر قانداق تەھدىتتىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان.

بۇ خەۋەر 806 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2019 22:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق