ئىستانبۇلدا مارافونچە يالغۇز كىشىلىك نامايىش باشلاندى

ئىستانبۇلدا مارافونچە يالغۇز كىشىلىك نامايىش باشلاندى

27-ماي شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىللىگەن مارافونچە يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئىستانبۇلنىڭ ئەمىنئۆنۈ مەيدانىدا باشلاندى.
نامايىش شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ھېس قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشقا قاتناشقۇچىلار مەھبۇس كىيىمى كىيىپ، كىشەن تاقاپ، تۈركىيەنىڭ ئادەم كۆپ رايونىدا تۇرۇش پىلانلانغان.
ھازىرغىچە 50 ياشلىق بىر ئايال، ئىككى قىز ۋە بىر ئوغۇل بولۇپ تۆت پىدائىي يەككە كىشىلىك نامايىشقا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان.
نامايىش تۇنجى قەدەمدە ئىستانبۇلنىڭ ئەمىنئۆنۈ مەيدانىدا باشلاندى. نامايىشتا بىر پىدائىي مەھبۇس كىيىمى كىيىپ، كىشەن تاقاپ، ئادەم كۆپ ئورۇندا سۈكۈتتە تۇردى. يەنە بىر پىدائىي زىيارەتكە كەلگەن خەلققە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 1380 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2019 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق