خۇاۋېي: ئۈسكۈنىلىرىمىزنىڭ جاسۇسلۇققا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىمىز

خۇاۋېي: ئۈسكۈنىلىرىمىزنىڭ جاسۇسلۇققا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىمىز

پېرېۋوت نىسبىتى تورىنىڭ 12-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خۇاۋېي شىركىتى ھەرقانداق بىر دۆلەتتىكى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خۇاۋېي شىركىتى باش مۇدىرى لياڭ خۇا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە سەمىمىي بولۇشنىڭ خۇاۋېي شىركىتى ئۈچۈن مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بېرىشكە ھەرۋاقىت. تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خۇاۋېي شىركىتىنى قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، شىركەتلەرنىڭ خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن ئىدى. خەلقئارا بازاردىكى ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان خۇاۋېي شىركىتى ئامالسىزلىقتىن بۇ ۋەدىلەرنى بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

بۇ خەۋەر 803 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2019 21:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق