ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى ھەربىي ئىتتىپاق قۇرماقچى بولدى

ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى ھەربىي ئىتتىپاق قۇرماقچى بولدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى ھەربىي ئىتتىپاق تەشكىللەش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
جوسېف دۇنفورد بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئىراننىڭ خەلقئارا دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ھۇرمۇز بوغۇزى بىلەن بابۇلمەندەپتە «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكى»نى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر بىرلەشمە تەشكىللەش مەقسىتىدە بەزى دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلىدىغان ھەربىي ئىتتىپاققا باشلامچىلىق قىلىدىغان پاراخوتلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ھەمدە كۆزىتىش پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشىنى پىلانلىغانلىقىنى، بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ يېڭى پىلاننى قوللايدىغانلىقىنىڭ ئاشكارا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، %20كە يېقىن دۇنيا نېفىت سودىسى ھۇرمۇز بوغۇزى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. ئامېرىكا 2015-يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىنى نۆلگە چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئېمبارگولارنى قايتىدىن يولغا قويغان. ئىران بولسا نېفىت ئېكسپورت قىلالمىغان تەقدىردە ھۇرمۇز بوغۇزىنى تاقىۋېتىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان. ئامېرىكا بولسا ئېمبارگو ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئىراننى يېڭى بىر كېلىشىم تۈزۈشكە قايىل قىلىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 752 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2019 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق