كورىيە ئامېرىكا بىلەن خىتايغا قارشى يېڭىدىن ھەمكارلىق ئورناتتى

كورىيە ئامېرىكا بىلەن خىتايغا قارشى يېڭىدىن ھەمكارلىق ئورناتتى

تەيۋەن خەۋەرلىرى تورىنىڭ 8-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كورىيە ئامېرىكىنىڭ خىتاي جەنۇبىي دېڭىزىدىكى تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كورىيە پىرېزىدېنتى مۇن جىئىن 30-ئىيۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، كورىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا يېڭىدىن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى كونتروللۇقىنىڭ كۈچىيىشىنى مەقسەت قىلغان. بۇ كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ گېئوپولىتىكا ئىستىراتېگىيەسى بىلەن باغلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
كورىيە يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە قىيىن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا بىلەن ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى خىتاينىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلگەن.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئاق ساراينىڭ كورىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم چۈشۈرۈپ، مەيدانىنى ئېنىق قىلىشقا قىستىغانلىقى كورىيەنىڭ بۇ ھەمكارلىق قارارىنى چىقىرىشىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا كورىيە ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن.
ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي پاراخوتلارنى ئەۋەتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كورىيەنىڭ بۇ سەپكە قېتىلىشى ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.
ئانالىزچىلار يەنە خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەرنى كونترول قىلىپ، ئۇلارغا خوجا بولۇش مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى، كورىيەنىڭ بۇنىڭغا دادىللىق بىلەن قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، كورىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قوللاش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا سىمۋوللۇق غەلىبە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەنبە:https://www.taiwannews.com.tw/en/news/3740716

بۇ خەۋەر 950 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2019 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق