ھىندونېزىيەدىكى قوراللىق تەشكىلات خىتاي پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى

ھىندونېزىيەدىكى قوراللىق تەشكىلات خىتاي پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى

splash تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قاتناش مىنىستىرلىقى مالاككا بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان خىتاي پاراخوتلىرىغا قارىتا ئۈچىنچى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، پەقەت ئەڭ كۈچلۈك خەتەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتىلا ئاندىن ئىشلىتىلىدىكەن.
مەلۇم پاراخوت تىرانسپورت شىركىتى بۇ ھەقتە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، ھىندونېزىيەدىكى بىر قانۇنسىز قوراللىق تەشكىلاتنىڭ خىتاي پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سەۋەبلىك يۇقىرىقى ئاگاھلاندۇرۇش بۇيرۇقىنى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي قاتناش مىنىستىرلىكى بارلىق پاراخوتلارنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى، ئۇلارنى بىخەتەرلىك ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1478 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2019 19:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق