خىتاي ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى

خىتاي ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى

پىلانېتالار تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ بەيچىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئاقلىغان.
خەۋەردە مەزكۇر ئۆمەك يالغان ئېيتىپ: «ھۆكۈمىتىمىز ھەر يىلى شىنجاڭغا 400 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدۇ. بىز مۇشۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى 19 شەھەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاۋاتىمىز» دېگەنلىكى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا سالغان غايەت زور مەبلىغىنى يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى نىشان قىلغان ۋاسىتىلەرگە ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئۆمەك ئىچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غالچىسى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز: «دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىشىگە چىدىمىغان بىر تۈركۈم دۆلەتلەر شىنجاڭ ھەققىدە يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتماقتا، دۆلىتىمىز دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تەڭداشسىز دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىدۇ. مىڭلىغان مەسچىتلەرنى سالدى» دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ خەۋەر 1264 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2019 20:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق