خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش مەركىزىگە جازا لاگېرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى چاپلاندى

خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش مەركىزىگە جازا لاگېرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى چاپلاندى

17-ئىيۇن خوڭكوڭدا نامايىش قىلىۋاتقان خەلق خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا ئائىت سۈرەتلەرنى چاپلىغان.
خىتاينىڭ يولسىزلىقىغا قارشى جان تىكىپ نامايىش قىلىۋاتقان خوڭكوڭ خەلقى خىتاي كوممۇنستلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خەلقنى قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقستىگە يېتىش ئۈچۈن تەسس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر خىتاينىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئىشخانىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئۈستىگە چاپلانغان. خوڭكوڭ خەلقى بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق خوڭكوڭ خەلقىنىڭلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭمۇ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەلقئاراغا بىلدۈرمەكچى بولغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرى مەسىلىسى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر پەيتتە، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ خىتاينىڭ يولسىزلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدىمۇ شەرقىي تۈركسىتانغا ئالاقىدار سۈرەتلەرنى بىرگە كۆتۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 10970 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2019 17:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق