خىتاي قازاقىستانغا بېرىۋاتقان قەرز پۇلىنى بىكار قىلدى

خىتاي قازاقىستانغا بېرىۋاتقان قەرز پۇلىنى بىكار قىلدى

12-ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا ئاساسەن قازاقىستاننىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا بېرىۋاتقان قەرز پۇلىنى توختىتىۋالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى سۇغا چىلىشىشقا باشلىغان. خىتاينىڭ سودا پىلانىدىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان قازاقىستاننىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پىلانىمۇ بەربات بولغان. خىتاي قازاقىستان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا بەرمەكچى بولغان ئومۇمىي سوممىسى بىر مىليارد 900 مىڭ ئامېرىكا دوللارلىق قەرز پۇلىنى قايتۇرۇۋالغان. ئەسلىدە بۇ قەرزنىڭ قايتۇرۇش مۇددىتى 20 يىل ئىكەن.
خىتاينىڭ قازاقىستانغا بەرمەكچى بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرزىنى بېرەلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى خىتاي مالىيەسىدە جىددىيچىلىك كۆرۈلگەنلىكى بولۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ قارارىدىن قاتتىق نارازى بولغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستاننى بېرىلگەن قەرز پۇلنى پىلاندا كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇشلارغا ئىشلەتمىدى، دەپ باھانە كۆرسەتكەن.

بۇ خەۋەر 1654 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2019 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق