سۇرىيەدە ئەسىرگە چۈشكەن ئاياللار ۋە بالىلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


سۇرىيەدە ئەسىرگە چۈشكەن ئاياللار ۋە بالىلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 

10- ئىيۇن ئىستانبۇلدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئالدىدا سۇرىيەدىكى PKK تېررورچىلىرىغا ئەسىرگە چۈشۈپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئاياللار ۋە بالىلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئسىتانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم تەشكىلاتلار ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەشكىللەپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، « ئاياللار، بالىلار گۇناھسىز»، «ئىنسانىيەت ئويغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە بول» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشتا بالىلاردىن بىرى بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيەدىكى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھېچقانداق گۇناھىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

بۇ خەۋەر 1428 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2019 17:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق