خىتاي روزا ھېيتتا خەلقنى مەجبۇرىي ساما ئۇسسۇلى ئويناشقا تەشكىللىدى

خىتاي روزا ھېيتتا خەلقنى مەجبۇرىي ساما ئۇسسۇلى ئويناشقا تەشكىللىدى

خىتاي بۇ يىللىق روزا ھېيت مەزگىلىدە ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتى قاتتىق ئەيىبلىنىشكە باشلىغان بىر پەيتتە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ۋە ئۈرۈمچى بەيتۇلمەئمۇر مەسچىتىدە جازا لاگېرى ۋە تۈرمىنىڭ سىرتىدا قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ساما ئۇسسۇلى ئويناشقا تەشكىللىگەن. خىتاي بۇ خىل ساختا كۆرۈنۈش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھىمايە قىلىدىغانلار قاتارىدا كۆرسەتمەكچى بولغان.
خىتاي تارقاتقان كۆرۈنۈشلەردىن ساما ئويناۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئاز ئىكەنلىكى، مەجبۇرىي ساما ئويناشقا تەشكىللەنگەن كىشىلەرنىڭ ئۇسسۇلىنىڭ تەبىئىي ئەمەسلىكى، يېڭى ئۆگەنگەن كىشىلەر ئىكەنلىكى بىلىنىپ قالغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن خەۋىرى بار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلارنى خەلقىئالەم بىلىپ يەتكەن بىر پەيتتىمۇ، خىتاينىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1374 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2019 16:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق