ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلدى

ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى ۋە مەركىزى ئاسىيا پىلانى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ۋاشىنگتوندا ئىككى كۈنلۈك خەلقئارالىق يىغىن ئورۇنلاشتۇردى. يىغىن 6-، 7-ئىيۇن ئىككى كۈن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
يىغىنغا يۇقىرىقى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن سىرت يەنە بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سىياسىيونلار، پائالىيەتچىلەر، ئاكادېمىكلار ۋە ژۇرنالىستلار قاتنىشىدۇ.
يىغىندا ئۇيغۇرلار ئىككى يىلدىن بېرى دۇچ كېلىۋاتقان ۋە بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، ئىرقىي، مەدەنىي جەھەتتىكى يوقىتىشلار ۋە جازا لاگېرلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر جىددىي مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 1280 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2019 00:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق