Toggle navigation ئىستىقلال ژۇرنىلىكارىكاتۇرمۇھىم خەۋەرتەھلىل ۋە مۇلاھىزەماقالىلەرتەرمىلەرتەشكىلاتلارئىسلام دۇنياسىخەلقئاراشەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال ژۇرنىلىكارىكاتۇرمۇھىم خەۋەرتەھلىل ۋە مۇلاھىزەماقالىلەرتەرمىلەرتەشكىلاتلارئىسلام دۇنياسىخەلقئاراشەرقىي تۈركىستان
چاقماق خەەر گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئاپتوموبىل سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئورتاقلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ياپونىيە: خىتاي، شىمالىي كورىيە ۋە رۇسىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تەھدىت شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق تەقىب ئىزچىل داۋام قىلماقتا قىرغىزىستان خىتاي ئەپ دېتالى TikTok نى رەسمىي چەكلىدى تۈركىيە يەرلىك سايلىمىدىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىدا ئۆزگىرىش بولدى ئامېرىكا خىتاينىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا قارشى تەدبىر ئېلان قىلدى ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتتى خىتاي ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى قايتا تەكىتلىدى مالايشىيا پالاتا ئەزاسى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۇيغۇرلارغا ئىپتارلىق بەردى 2-ئىيۇن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئىستانبۇلنىڭ يېنىكاپىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەرگە 5000 كىشىلىك ئىپتار زىياپىتى بەردى. زىياپەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قارمىقىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر باستۇرۇشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ناخشىلار بىلەن باشلاندى. زىياپەتتە كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى ئابدۇللاھ ئاياز ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركىيەگە پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزغا قۇچاق ئېچىپ، ياردەم قولىنى سۇنۇپ، تۈركىيەدە خاتىرجەم ياشاشقا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئسىتانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا ئەپەندى سۆز قىلىپ: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى قېرىنداشلىرىمىز، بالقاندىكى تۈركلەر، سۇرىيەدىكى تۈركمەنلەر بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارغا قارشى پۇتكۈل دۇنيا كۆرمەس، ئاڭلىماس بولۇۋالسىمۇ، بىز ئۇنداق قىلالمايمىز. تۈركىيە دائىم زالىملارغا قارشى مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. بۇلارنى بىزنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرىمىزدىن كۆردىڭىز. يېقىندا 15200 قېرىندىشىمىزغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش گۇۋاھنامىسى (ئىقامەت) بەردۇق. ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇ خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرىمىز. تۈركىيە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 70 نەچچە مىللەتكە قۇچاق ئېچپ، ساھىبخانلىق قىلماقتا. تۈركىيە نۇھنىڭ كېمىسىدۇر، كىم بۇ كېمىگە چىقىۋالسا خاتىرجەم بولىدۇ. سىز مۇھاجىر، بىز ساھىبخان، ئىستانبۇل سىزنىڭ شەھىرىڭىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى سۆز قىلىپ: «بىز زۇلۇمدىن قاچقان ئىنسانلارغا قۇچاق ئاچتۇق. بۈگۈن تۈركىيەنى پاناھ جاي قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر تۈركلىرى قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا قۇچاق ئاچتۇق. ئۇزۇن مۇددەتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى (ئىقامەت) بېرىش، تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېلىش ئىشلىرىدا قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدۇق. بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىزمەتلەر تېزلەشتۈرۈلىدۇ. بۇ ئىستانبۇل ھەممىمىزنىڭ ئستانبۇلى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، تۈركمەنلەرنىڭ، ئەرەبلەرنىڭ، بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ ئىستانبۇلىدۇر» دېگەنلەرنى بىلدۈردى. ئىپتاردىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى نىياز داموللام تۈركىيەنىڭ ئەمىنلىكى، شەرقىي تۈكىستاننىڭ ئازادلىقى، خىتاينىڭ ھىلاكىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلدى. زىياپەت ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، مۇئاۋىن رەئىس مۇساجان ئەر قاتارلىقلار بىرلىكتە سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ساھىبخانلىق قىلغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۇيغۇر تونى ۋە دوپپا كىيدۈردى، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن گىلەم، پىلاكات تەقدىم قىلدى ھەمدە ئىچكى ئىشلام مىنسىىتىرى ھۆرمەتلىك سۇلايمان سويلۇغا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئارزۇسى ۋە ئىستەكلىرنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىشلىنى تەلەپ قىلدى. بۇ خەۋەر 12024 قېتىم كۆرۈلدى 03/06/2019 16:04:00 ئىنكاسلار ئىنكاس يزىڭ 0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق