خىتاي سودا ئۇرۇشىدا سىرەك توپىسىنى كوزىر قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

خىتاي سودا ئۇرۇشىدا سىرەك توپىسىنى كوزىر قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدا سىرەك توپىسىنى كوزىر قىلىپ، ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى سىرەك بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش ھەققىدە تەھدىت سالغان بولسىمۇ، بىراق تەپسىلىي ئىجرا قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلمىغان. خىتاينىڭ بۇ باياناتى سودا ئۇرۇشىنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم بىشارىتى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، سىرەك توپىسىدا 17 خىل مېتال ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ھەر خىل يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە قوللىنىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ماگېنت، سائەت كۆرسەتكۈچ ۋە ھەرخىل مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە ئىشلىتىلىدىكەن. خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى سىرەكنىڭ خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم دۆلەتلەر قاتارىدىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1169 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2019 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق