كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھەرىكىتى باشلىدى

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھەرىكىتى باشلىدى

24- ماي ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە،  كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW)  تۆنۈگۈندىن باشلاپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى نىشان قىلغان بىر ھەرىكەت باشلىغان.

«لاگېرلار تاقالسۇن» تېمىسىدىكى مەزكۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھەرىكىتى رامىزان مەزگىلىدە باشلانغان بولۇپ، 24-ئىيۇندا ئېچىلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 41-يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى، قىيىن-قىستاق، خورلاشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنى، شۇنداقلا ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەرنى سۈكۈتنى بۇزۇشقا، كېيىنكى ئايدىكى ب د ت يىغىنىدا جازا لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر پائالىيەت فېيسبۇك ۋە تىۋىتتېر ئارقىلىق داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن ئىنكاسلار يېزىلغان. كىشىلەر: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭى زېللاندىيە، سىرىلانكا، ھىندىستان ۋە بېرما قاتارلىق جايلاردىكى ئىسلامغا قارشى كەيپىيات ۋە ھۇجۇم ۋەقەلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، ئەمما نېمىشقا شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك سوئاللارنى تاشلىغان.

بۇ خەۋەر 743 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2019 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق