ئىنگۇشېتىيە خەلقى خىتاينى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىردى


ئۆز خەۋىرىمىز: 23-فېۋرال شىمالىي كاۋكازدىكى رۇسىيەگە قاراشلىق ئەڭ كىچىك فېدراتىپ جۇمھۇرىيەتلەردىن بىرى بولغان ئىنگۇشېتىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئىتتىپاق جەمئىيىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، دىنىي ئەركىنلىك ۋە مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىش قاتارلىق رەزىل سىياسەتلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
ئىنگۇشېتىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلغان جەمئىيەت مەسئۇللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆز دىنىي قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ خىتاينىڭ قەبىھ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ئېغىر قەتلىئامغا سۈكۈت قىلماي، ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، خىتاينى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە جازا لاگېرلىرىدىكىلەرنى قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇنى تاقاشقا چاقىردى.
بايانات 23-فېۋرال ئېلان قىلىنغان بولۇپ، جەمئىيەت مەسئۇللىرى باياناتتا يەنە ئىنگۇشېتىيە خەلقىنىڭ 25-فېۋرال كۈنى كېچىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقنى بۇ مەنىلىك پائالىيەتكە ۋە قېرىنداشلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

بۇ خەۋەر 16979 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2019 18:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق