ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار رامىزان ئىبادىتىنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزمەكتە


ئۆز خەۋىرىمىز: مۇبارەك رامىزان كىرگەندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئسىتانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، رامىزان ئىبادىتىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.
خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتا ئىتتىپاقلىق، بىرلىك بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى گۇرۇھ، تەبىقە ئايرىماي بىر يەرگە يىغىلىپ، رامىزان ئىبادىتىنى بىرلىكتە قىلىشقا باشلىدى.
ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەركۈنى ئىپتاردىن بۇرۇن يىغىلغان جامائەتكە ھەر خىل تېمىدا دەۋەت سۆزلەندى. بىرلىشىپ ئىپتار قىلىنغاندىن كېيىن بىرلىك تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېتىشكەن قارىلار تەراۋىھ نامىزىغا ئىماملىق قىلدى.
جامائەت يېرىم كېچىدە ئالاھىدە سەپەرۋەر قىلىنىپ، تەھەججۇد نامىزىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئىپتاردىن ئىلگىرى، تەراۋىھ نامىزى ۋە تەھەججۇد نامىزى قاتارلىق دۇئا ئىجابەت بولىدىغان پەيتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، توپلىشىپ دۇئا قىلىندى. دۇئالاردا ئاساسلىقى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى ۋە قىرغىن قىلىشى ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ تېزرەك زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە چىقىشى، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ھالاكىتى تىلغا ئېلىندى.

بۇ خەۋەر 1463 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2019 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق