گېرمانىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىلدى

 

8-ماي گېرمانىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە دىنىي باستۇرۇشلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىلگەن. .
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەردىن خىرىستىيان سوتسىيال پارتىيەسى، خىرىستىيان دېموكراتچىلار پارتىيەسى، سوتسىيال دېموكراتچىلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى قاتارلىق ئاساسلىق پارتىيەلەر قوللىغان.
يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكى مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى، جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن گۇۋاھلىق بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئېغىر پاجىئەلەرنى پاكىتلىق تونۇشتۇرغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.

 

بۇ خەۋەر 1337 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2019 19:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق