ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ب ب س قانىلىغا گۇۋاھلىق بەردى

 

 

 

-18 ئاپرىل دۇنياغا داڭلىق ئاخبارات ئورگىنى ب ب س نىڭ ۋەتىنىمىزگە قانچىلىغان قېتىم بارغان ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇخبىرلىردىن بىرى بولغان جون ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىستانبۇلغا كېلىپ، بالىلىرى ۋەتەندە قالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر يۈرۈش زىيارەت پروگراممىسى ئىشلىدى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىلىشى ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ پەرزەنتلىرى ۋەتەندە قالغان ئاتا-ئانىلارنىڭ دەرت ئەلەملىرىگە قۇلاق سالدى.

گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە تەخمىنەن يۈز ئەتراپىدا كىشى كەلگەن بولۇپ، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان ئاتا-ئاتا ئانىلاردىن سىرت، ئائىلە ئەزالىرى ۋە باشقا ئۇرۇق- تۇغقانلىرى لاگىرغا ياكى تۈرمىلەرگە سولانغان كىشىلەرمۇ ئاكتىپلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى.

گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئالتە سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولۇپ، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ۋەتەندە زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى بايان قىلىپ كۆز يېشى قىلىشتى. مۇخبىرلارمۇ قاتتىق تەسىرلەندى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دەرتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاي زۇلۇمىنى توختۇتۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ئەڭ ياخشى خەۋەر ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 1013 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2019 17:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق