تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ئاشكارىلاندى


زىمىستان تورىنىڭ 4-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەنسۇ ئۆلكىسى جىيۇچۈەن تۈرمىسدە مىڭدەك ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ «تۈرمە باشقۇرۇشىغا بويسۇنمىدى» دېگەن باھانىلەر بىلەن ئېتىپ تاشلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خەۋەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا ئادەم سىغدۇرالمىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە گەنسۇ، شەنشى، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە يۆتكىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.


مۇخبىر گەنسۇ ئۆلكىسىدە خەلقنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق 2018-يىلى كۈزدە گەنسۇنىڭ ۋۇۋېي شەھىرىدىكى بىر تۈرمىگە مىڭدەك ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى، تۇتقۇنلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن پويىز بىلەن توشۇلۇپ، ۋۇۋېي شەھەرلىك ۋوگزالدىن چوڭ ئاپتوبۇس بىلەن تۈرمىگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، ھەر بىر تۇتقۇننىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ، ئىككىدىن ساقچىنىڭ ئېلىپ ماڭغانلىقىنى ئىگىلىگەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گەنسۇغا يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 20 يىل ئەتراپىدا كېسىم چىقىرىلغانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كېچە-كۈندۈز كويزا-كىشەن بىلەن تۇرىدىغانلىقىنى، كىشەن بىلەن كويزا چېتىپ قويۇلغان بولۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ بېلىنى رۇسلىيالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارغا تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ دائىم تەن جازاسى بىرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلار «ساقچىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدى» دېگەن باھانىلەر بىلەن ئېتىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 1098 قېتىم كۆرۈلدى
05/04/2019 18:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق