ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قانۇنى ئاشكارىلاندى


30-مارت زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2017-يىلى ئىسلام دىنىنى بەش يىل ئىچىدە خىتايلاشتۇرۇش ھەققىدە مەخپىي قانۇن چىقىرىپ، بارلىق سىياسەتلىرىنى شۇ قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىدا غەلىتە بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغانلىقى، دوكلاتتا خىتاينىڭ 2017-يىلى 12-ئايدا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر قانۇننى تۈزۈپ چىققانلىقى ۋە مەزكۇم قانۇننىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، مەزكۇر قانۇندا 2018-يىلىدىن باشلاپ 2022-يىلىغىچە بولغان بەش ئىچىدە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي مۇسۇلمانلارنى ياخشى-يامانغا ئايرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى مەقسەتلىك ھالدا يامان مۇسۇلمان قاتارىغا چىقىرىپ، باشقا تۇڭگان مۇسۇلمانلاردىن يېتىم قالدۇرۇش ئارقىلىق قاتتىق باستۇرۇپ، مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن، تۇڭگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇسۇلمانلارنىمۇ يامان مۇسۇلمانلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ، بەش يىللىق ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە مۇسۇلمانلارنى ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇشقا باشلىغان. 
خىتاي يېقىندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى ئىچىدىكى قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى بىر تەرەپتىن خىتايدىكى ئىسلام جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ كاللىسىدىن مەجبۇرلاپ ئۆتكۈزۈشكە تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەزمۇنى ئاشكارىلانمىغان قانۇننى تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 10078 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2019 19:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق