خىتاي : ئامېرىكا خوڭكوڭ ئارقىلىق بىزنى ئاغدۇرماقچى بولسسا 21-ئەسىر پاجىئەلىك ئەسىر بولىدۇ

خىتاي : ئامېرىكا خوڭكوڭ ئارقىلىق بىزنى ئاغدۇرماقچى بولسسا 21-ئەسىر پاجىئەلىك ئەسىر بولىدۇ

شەرقىي ئاسىيا گېزىتى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي  ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ :« ئامېرىكا خوڭكوڭ ئارقىلىق بىزنى ئاغدۇرماقچى بولسسا 21-ئەسىر پاجىئەلىك ئەسىر بولىدۇ» دېگەن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس 10-ئىيۇندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، 9-ئىيۇندىكى نامايىشنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا خوڭكوڭدىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىستېمىسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئالاھىدە ئورنىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 11-ئىيۇن بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون باشلىقى لىنجېڭ يۆئې بۈگۈن خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىش توغرىسىدا توختىلىپ، نامايىشنىڭ خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ كېلەچىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتى 11-ئىيۇن ماقالە ئېلان قىلىپ: «ئەگەر ئامېرىكا خىتاينى ئاغدۇرۇۋەتمەكچى بولسا، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىغا ئايلىنىدۇ. 21-ئەسىر پاجىئەلىك ئەسىر بولىدۇ» دەپ، ئامېرىكىغا تەھدىت سالغان.

بۇ خەۋەر 1046 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2019 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق