خىتاي تېرىلغۇ يەرلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر جەھەتتىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتاي ئاققۇنلىرىغا بۆلۈپ بېرىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئومۇملاشقان. شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ بېرىپ تېرىلغۇ يەرگە ئېرىشكەن خىتاي ئاققۇنلىرى باشقا خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەر تېرىشقا تەشۋىق قىلماقتا.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت 16-ئاپرېل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تارتقان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتاي ئاققۇنلىرىغا بۆلۈپ بېرىش ھەرىكىتىنى كېڭەيتكەن.

مەزكۇر سىندا بىر خىتاي ئاققۇن باشقا خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەر تېرىپ، پۇل تېپىشقا چاقىرىپ: «كۆپلەپ پۇل تېپىشنى ئويلىغان بولسىڭىز شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىپ يەر تېرىڭ، يىلىغا سەككىز مىليون پۇل تېپىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. زىيان تارتىشتىن قورقىمەن دەمسىز؟ بۇ مۇمكىنمۇ؟ بۇ يەردە يەر تېرىسىڭىز يېتەرلىك مىقداردا ھەقسىز خىمىيەۋى ئوغۇت، ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەت قىلىدۇ. ئېتىزلىقنى ئوت بېسىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەت كېتىشىڭىز ھاجەتسىز، ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى بىر تال ئوت ئۈندۈرمەيدۇ. يەر ئىجارە بېرىش توختىمىدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىزگە ئۆلچەملىك يېزىلغان توختامنى بېرىدىغان بولۇپ، ئىمزا قويسىڭىزلا بولىدۇ. سۇدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىزگە يەر سۇغىرىدىغان سۇ ئامبىرى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. يىل ئاخىرى پاختا باھاسىنىڭ ئېگىز-پەس بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ، باھانىڭ مۇقىم بولۇشى ھەققىدە كاپالەتنامە بېرىدۇ. سىزنى ئازراقمۇ زىيان تارتقۇزمايدۇ» دېگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ئوبلاستلار تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەرخىل ناملاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان سىنلاردىمۇ خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە چاقىرىلىپ، ئاققۇنلارغا ھەقسىز يەر، ھەقسىز ئۆي، ئۆسۈمسىز قەرز، زور مىقداردا ياردەم پۇلى تەمىنلىنىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغانىدى.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئالدى بىلەن يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئاندىن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان. ئارقىدىن ھەر خىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىش، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئالاھىدە يۇقىرى تەمىناتلار، تۈرلۈك ناملار بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2340 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2024 13:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق