خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسى يېڭى زېللاندىيەنىڭ پارلامېنت تورىغا ھۇجۇم قىلغان

يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشىدىكى خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ پارلامېنت تورىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى زېللاندىيە 26-مارت خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشىدىكى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ 2021-يىلى تور ھۇجۇمى ئارقىلىق، يېڭى زېللاندىيەنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سەزگۈر كومپيۇتېر سىستېمىسىغا سۇقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يېڭى زېللاندىيەنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، «APT40» دەپ ئاتىلىدىغان، خىتاي رېجىمىنى ئارقا تىرەك قىلغان خاككېرلار گۇرۇپپىسى يېڭى زېللاندىيەنىڭ پارلامېنت تورىغا ئۇلانغان كومپيۇتېرلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. «APT» بولسا «ئىزچىل داۋاملاشقان ئالاھىدە تەھدىت» دېگەن سۆزلەرنىڭ قىسقارتىلمىسى ئىكەن.

يېڭى زېللاندىيە بىخەتەرلىك مىنىستىرى جۇدىس كولىنس بايانات ئېلان قىلىپ، كۈچلۈك تېخنىكىلىق باھالاش ئارقىلىق، مەزكۇر تور ھۇجۇمىغا مەسئۇل گۇرۇپپىنى پەرقلەندۈرەلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ باياناتىدا: «مەزكۇر تور يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز بۇ ئۇچۇرلارنى بارلىق يامان غەرەزلىك تور تەھدىتىدىن قوغدىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئوخشاش كۈندە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە تور ھۇجۇمىغا چېتىلغان بىر خىتاي شىركىتى ۋە ئىككى خىتايغا جازا يۈرگۈزگەندىن باشقا، يەتتە خىتاي خاككېرنى يەرشارى خاراكتېرلىك تور ھۇجۇمىغا چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1415 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2024 13:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق