ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتاينىڭ زېمىن دەۋاسى كۈلكىلىك

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ ئارۇناچال ئىشتاتى ھەققىدىكى زېمىن دەۋاسىنىڭ كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئارۇناچال ئىشتاتى ھىندىستاننىڭ بىر قىسمى» دەپ تەكىتلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار 23-مارت سىنگاپور زىيارىتى جەريانىدا ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال ئىشتاتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەققىدىكى مەيدانىنى قايتا تەكىتلەپ، خىتاينىڭ بۇ رايون ھەققىدىكى زېمىن دەۋاسىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جايشانكار سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ زېمىن دەۋاسىنى رەت قىلغان. ئۇ نۇتقىدا ئارۇناچال ئىشتاتىنىڭ ھىندىستاننىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئەزەلدىن ھىندىستانغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل باياناتلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.

جايشانكار نۇتقىدا يەنە: «بۇ يېڭى مەسىلە ئەمەس. خىتاي بۇ خىل تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى ۋە بۇ تەلەپلىرىنى داۋاملىق كېڭەيتتى. بۇ تەلەپلەر باشتىلا بىمەنە ئىدى، بۈگۈنگە قەدەر بىمەنە بولۇپ كەلمەكتە. ئارۇناچال ھىندىستاننىڭ بىر قىسمى... بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز ناھايىتى ئېنىق ۋە ئىزچىل بولۇپ كەلدى. بۇ مەسىلە خىتاي بىلەن ئارىمىزدا داۋاملىشىۋاتقان چېگرا سۆھبەتلىرىنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ» دېگەن.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاڭ شياۋگاڭ 15-مارت مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «جەنۇبىي تىبەت» (ئارۇناچال)نىڭ ئەزەلدىن خىتايغا تەۋە زېمىن ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئەزەلدىن ھىندىستاننىڭ زېمىن تەلىپىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغانلىقى، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ رەسمىي يوسۇندا ئۆزئارا چېگرا بېكىتمىگەنلىكى، «جەنۇبىي تىبەت»نىڭ تارىختىن بېرى خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1374 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2024 16:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق