ئامېرىكا خىتاي ماللىرىدىن ئالىدىغان باجنى ئۆستۈرۈدىغان بولدى

ئامېرىكا خىتاي ماللىرىدىن ئالىدىغان باجنى ئۆستۈرۈدىغان بولدى

بۈگۈن گېرمانىيە ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزدېنتى ترامپ خىتاي ماللىرىدىن ئالىدىغان باجنى ئۆستۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا پىرزېدېنتى ترامپ ئاقسارايدا ئېچىلغان يىغىندا سۆز قىلىپ،« ھازىر خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى لىكىن خىتاي ئۆزىگە ياقىدىغان كېلىشىمنى قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي بىلەن سودا ساھەسىدە كېلىشىم تۈزەلمىسەم خىتاي ماللىرىدىن ئالىدىغان تامۇژنا بېجىنى ئۆستۈرىمەن.» دېگەنلارنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئاقساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى لارى كۇدلۇۋ (Larry Kudlow) مۇخبىرلارغا« ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئۇزاقتىن بىرى داۋاملىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشى ئاخىرلىششنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئاخبارات مەنبەلىرىدىمۇ خىتاي مۇئاۋىن مىنىسىترى لىيۇخىنىڭ ئامېرىكا سودا مىنسىتىرى بىلەن تېلېفۇن سۆھبىتى قىلىپ، ئىككى تەرەپ بۆسۈش خارەكتىرلىق ئىلگېرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ بىراق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ بۈگۈنكى سۆزىگە قارىغاندا، ئامېرىكا خىتاي سودا سۆھبىتى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقىدىن بىر بىشارەت  ئىكەن.

بۇ خەۋەر 579 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2019 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق