ئىراندىكى نارازىلىق نامايىشى يۈزدىن ئارتۇق شەھەرگە كېڭەيدى

ئىراندىكى نارازىلىق نامايىشى يۈزدىن ئارتۇق شەھەرگە كېڭەيدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئىراندا قوزغالغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى جەريانىدا يۈزدىن ئارتۇق كىشى ئۆلۈپ، مىڭدىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان.
ئىران ھۆكۈمىتى 15-نويابىر نېفىت باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ۋە نورمىلىق تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچتە كۆپلىگەن شەھەرلەردە نامايىش قوزغالغان. نۆۋەتتە بۇ نارازىلىق نامايىشى يۈزدىن ئارتۇق شەھەر-يېزىغا كېڭەيگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان بانكىلار ۋە سودا سارايلىرى بۇلانغان ياكى ئوت قويۇۋېتىلگەن.
نامايىش قوزغالغاندىن كېيىن ئىران ھۆكۈمىتى تېز سۈرئەتتە تور ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن بولۇپ، ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى قاتتىق قول كۈچلەر زوراۋانلىق بىلەن نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئىران ھۆكۈمىتى نامايىش جەريانىدا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئېنىق سانىنى ئاشكارىلىمىغان. ب د ت بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، نامايىش جەريانىدا مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىشى سەۋەبلىك ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىران ھۆكۈمىتىنى ھەددىدىن زىيادە قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىككە چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 630 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2019 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق