سۇلتان غازىدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى


23-مارت تۈركىيەنىڭ سۇلتان غازىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.
تۈركىيەنىڭ سۇلتان غازىدا «مەزلۇملار ئۈمىد» تېمىسدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان تەكلىپ بىلەن قاتنىشپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
پائالىيەتتە دوكتور ئابدۇسالام خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەردە قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بۇ خەۋەر 1429 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2019 18:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق