شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن يېڭى ئۇچۇرلار ۋەزىيەتنىڭ بەكلا ئېغىرلىقىنى ئىپادىلىمەكتە

 

ئۆز خەۋىمىز: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى كىشىدىن ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن ئاۋازلىق ئۈچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۇتقۇن قىلىشنى تېزلەتكەن.
شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئاۋازلىق گۇۋاھلىقتا مۇنۇلار دېيىلگەن:
يېقىندىن بېرى جىددىي ھالەت كۈچەيدى. لاگېرغا سولاش جىددىي داۋملىشىۋاتىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەھەللە كومىتېتلىرى بىر دۈدۈك بىلەن ھەممە ئادەمنى يىغىپ، يول تازىلاشقا مەجبۇرلايدۇ. كېچىكىپ كەلگەنلەر «تەربىيەلەش مەركىزى»گە تۇتۇپ بېرىلىدۇ، دەپ تەھدىد سالىدۇ. ياش قىز-ئوغۇللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. بىر قىسم ياشلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن باشقا شەھەرلەرگە ئىش ئىزدەپ كەتتى. بىراق ئۇلار بارغان شەھەرلەردە ئۇلارنى ئىشقا ئالمىدى. ئاخىر ئۇلار يۇرتىغا قايىتپ كەلگەندە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلدى.
يېڭى توي قىلغان كىشىلەر مەھەللە كومىتېتى قاتارلىق بىر قانچە ئورۇندىن رۇخسەت خېتى ئالغاندىن كېيىن پەرزەنت كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. بىرەر ئورۇن رۇخسەت بەرمىسە، پەرزەنت كۆرۈشكە بولمايدۇ. قازاقىستانغا كەتمەكچى بولغان قازاقلارنىڭ پاسپورتىنى قولىغا بەردى. لېكىن ئۇلارنى يوشۇرۇن يىپلارغا باغلاپ قويدى. مەسىلەن: نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە تەۋە ئۆي-مۈلكىنى ساتقان بولسا، خىتاينىڭ يەرتەۋرەشكە چىداملىق دەپ سېلىپ بەرگەن ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان بولسا، ساتقان ئۆيلەرنىڭ، خىتاي سېلىپ بەرگەن ئۆيلەرنىڭ پۇلىنى تولۇق ئالغاندىن كېيىن ئاندىن قازاقسىتانغا چىقىشقا يول قويىدۇ. ئۇنداق قىلالمىسا، قولىدىكى پاسپورتنى ئىشلىتەلمەيدۇ.
بىرگۇۋاھچى ئۆزىنىڭ 1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە يەرمۇ بېرىلمىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خىتايغا بېرىشكە تېگىشلىك قەرزىنىڭ يوقلۇقىنى پەملەپ، قازاقسىتانغا چىقىپ كېتىش ئۈچۈن چېگراغا كەلگەنلىكىنى، بىراق چېگرا ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئارقلىق ئۇنىڭغا: «توققۇز مىڭ يۈەن قەرزىڭ بار ئىكەن. قەرزنى تۆلىگەندىن كېيىن كەل» دەپ قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى، ھەيران قېلىپ، ساقچىلاردىن نىمە قەرز ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ساقچلار ئۇنىڭغا: «سەن ئىلگىرى ئاز پەرزەنت كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن بىر قانچە يىل مۇكاپات پۇلى ئالغان ئىكەنسەن، شۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بولۇپ ئاندى كەل» دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
گۇۋاھچى يەنە ئەرلىرى لاگېرغا قالامغان ئاياللارنىڭ بىر قىسمىنىڭ لاگېر ياكى تۈرمىگە سولىنىشتىن قورقۇپ، ھاراق ئىچىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ خەۋەر 10229 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2019 18:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق