ئسىتانبۇلدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش چوڭ مۇراسمى ئۆتكۈزۈلدى

ئسىتانبۇلدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش چوڭ مۇراسمى ئۆتكۈزۈلدى
12-نويابىر ئىستانبۇلنىڭ زېيتىنبۇرنۇ رايونلۇق كۈلتۈر سەنئەت مەركىزىدە 1933- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش چوڭ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلەر بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، مۇھاجىرەتتە ياشۋاتقان سەرخىللار تەكلىپ قىلىنىدى. خەلقئارادا سىياسى ۋە ئىلىمى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر ۋەكىل ئەۋەتتى. مۇراسىمغا 2000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

بۇ مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇھاجىرەت تارىخىدا قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ بولغان جۇمھۇرىيەت خاتىرە مۇراسىمى بولۇپ قالدى. زالغا سىغمىغان كىشىلەر زالنىڭ ئۆتۈش يوللىرىدا ئولتۇرۇشتى، يەنە سىمىغانلار ئىشىك تۈۋىدە ئۆرە تۇرۇشتى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ئابدۇراھمان رىياسەتچىلىك قىلدى.


مۇراسىم مۇڭلۇق قىرائەت بىلەن باشلانغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئىستقلال مارشى ئوقۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ،« جاسارەتلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقى خەلقئارادا قوللىغۇچىسى ئىنتايىن ئاز بولغان شەرائىت ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق بۇلۇش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولسا خەلقىمىزنىڭ ئۆزىنى، ئۆز ۋەتىنىنى تونىغانلىقى، مۇستەقىللىققا بۇلغان ئىشەنچىسىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلقىنىڭ ئىپادىسى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى


مۇراسىمدا، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئسىتىقلال بۆلۈمى ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىگە ئاتاپ تەييارلىغان فىلىم قويۇلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئسى ۋەكىلى مەھمۇدتجان داموللام، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 23- نۆۋەتلىك مىللەت ۋەكىلى پروففىسسور، دوكتور جالال ئەرباي،
ئىھاھا ئىنسانى ياردەم ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۇسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندى، ئەيسا يۈسۈن ئالپتېكىن ۋەقفى رەئىسى دوكتۇر ئۆمەر قۇل، ئوقۇ ئۇيغۇر بېلىگ يۇرتى رەئىسى ئابدۇغېنى قۇتۇبى، ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرش جەمئىيىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى ئابدۇجىلىل قارىم قاتارلىقلار سالام سۆزى قىلىپ، مۇراسىمغا ئىشتراك قىلغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ۋە بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەمدە شەرقىي تۈركستان خەلقىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد ۋە ئستەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

مۇراسىمدىكى فروگراممىلار ئارىىسدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زېيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي قۇرئام كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى، تاكنۇر تەلىم تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقوغۇچىلار تەربىيە مەرمۇنىدىكى قۇشاقلارنى، « بايراقنى تىكلەيمىز»، «ئۇنۇتما» تېمىسىدىكى شېئىرىنى جانلىق دېكلىماتسىيە قىلىپ مۇراسىم كەيپىياتىنى يۇقۇرى كۆتۈردى.

مۇراسىمدا يەنە، تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئەزالىرى 1933- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئسلام جۇمھۇرىيتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدى كەينىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۈچ پەردىلىك دىرامما ئورۇنلاپ مۇرسىم كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈردى.

مۇزاسىمدا يەنە ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە مۇھاكىمە فروگراممسى ئېلىپ بېرىلدى
مۇھاكىمە يىغىنىغا تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان رىياسەتچىلىك قىلدى.


مۇھاكىمە يىغىنىدا، چاناق قەلئە ئۇنۋېرىستېت ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى سۆز قىلىپ،« ئىبراھىم ئەليھىسسالامنى ئوت كۆيدۈرەلمىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى سۇ ئېقىتىپ كىتەلمىدى، يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى بېلىق يەپ كېتەلمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ياردەمچى ئاللاھ بولغانلىقى، ۋە ئۇلارنىڭ ئىيمانىنىڭ مۇكەممەل بولغانلىقىدا، شۇڭا بىز شەرقىي تۈركستان خەلقى دۆشمىنىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ماددى كۈچىگە ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە بولغان ئىيمانىمىزنى كۈچەيتىشىمىز لازىم » دېگەنلەرنى تەكىتلىدى. ئۇيغۇر تەتقىقات ئونۋېرىستېت مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ مۇنقەرىز بولغىلى 80 نەچچە يىل بولدى بىراق بىز جۇمھۇرگيتىمىزنى قايتا قۇرالمايۋاتىمىز، بۇ نېمە ئۈچۈن? » دېگەن سۇئاللارغا ئىستراتېگىيە نوقتىدىن ئىلمى ئۇسۇلدا جاۋاب بەردى. دوكتو ئالىمجان بۇغدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇش سەۋەبلىرى » تېمسىدا ئىلمى توختالدى. دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەت «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دىنى مەسئۇلىيىتىنى قانداق تونۇشى، قانداق ئادا قىلىشى كېرەك» دېگەن تېمىدا سۆزلىدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇد داموللام سۆز قىلىپ. مۇسۇلماننىڭ زىمىنى بۇلۇشى دۆلىتى بولىشى كېرەك دېگەنلەرنى تەكىتلەپ.ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە توختالدى.
دوكتۇر ھاجى قۇتلۇق قادەرىي، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، دوكتور ئالىمجان بۇغدا، دوكتۇر ئابدۇرېھىم دۆلەت، ئۆلىمالار ۋەكىلى مەھمۇدجان دامۇللام قاتارلىق ئوستازلارغا شەرقىي تۈركستان ئسىلام جۇمھۇرىيتى دۆلەت گىرىبى چۇرۈلگەن خاتىرە بويۇمى ھەدىيە قىلىندى.


جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ،شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر خىل تونۇش، بىر خىل ئاڭ، بىر خىل ھەرىكەت قىلىش كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلدى.
مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىنىڭ پىشىۋاسى ،جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تارىخىدا نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولغان ، ھازىر ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن تەييارلىغان تۆت ئالتۇن مىدال، ئالتە كۈمۈش مىدال داغدۇغۇلۇق تارقىتپ بېرىلدى.
ئەركىن ئالىپتىكىن. ئىھام توختى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ش ت ب رەئسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان قاتارلىقلارغا ئالتۇن مىدال بىلەن بىرلىكتە بىردىن شەرقىي تۈركسىتان دۆلەت گىرىبى چۇرۈشۈرۈلگەن خاتىرە بويۇمى، بىردىن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى مۇكاپات بېرىلدى.
ئۇيغۇر tv رەئسى ئابدۇ جىلىل قارىقاش، ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش جەمئيىتىنىڭ رەئسى ئەنۋەرجان . د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى ، ژورنالسىت ، مۇساجان ئەر، شەرقىي تۈركستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇدىرى دوكتۇر ئابدۇۋارىس ئابدۇخالىق، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئسىى سېيىت تومتۈرك ئەپەندى قاتارلىقلارغا بىردىن كۈمۈش مىدالى بىردىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى دۆلەت گىرىبى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بويۇمى، بىردىن يايراق مۇكاپات بېرىلدى.
ھېبىبۇللا ھاجىم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئسى ھدايىتۇللا ئوغۇزخاننىڭ ئەزىيەت ۋە جاپا مۇشەققەتلەرگە چىداپ خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركستان بايرىقى چۈشۇرۈلگەن خاتىرە بويۇمى ھەدىيە قىلدى.
مۇراسىم جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ يېتەكچىلىدە شەرقىي تۈركستاننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا شېھىد بولغانلار شاھادىتىنىڭ قۇبۇل بولىشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتى،
ئەسكەرتىش: مۇرسىمدا يېڭى تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ تەپسىلاتىنى ئسىتىقلال يۇتۇب قانىلىدىن كۆرۈۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

بۇ خەۋەر 2362 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2019 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق