دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى تەبرىكلەندى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى تەبرىكلەندى

ھەر يىلى 12-نويابىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىن تارىخىدا قۇرۇلغان شانلىق ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى تەبرىكلەپ، خىلمۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا بۇ قۇتلۇق كۈنىمىزدە ياكى ئالدى-كەينىدە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خەلقىمىز بۇ كۈننى ئالاھىدە خاتىرىلىمەكتە.
جۈملىدىن بۈگۈن ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئوقۇ ئۇيغۇر ئىلىم يۇرتىدا جۇمھۇرىيەت كۈنى تەبرىكلەندى.
مۇراسىم قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ، ئارقىدىن دۆلەت مارشى ئوقۇلۇپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.ئوقۇغۇچىلار سىنىپ تەرتىپى بويىچە پاراتتىن ئۆتۈپ ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلارغا سالام بەردى. مەكتەپ مۇدىرى ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى ۋە ئۇستاز ئابدۇغېنى قۇتۇبى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى. 

ئۇندىن باشقا كاستامونۇدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دۆلەت بايرىمى تەبرىكلىدى.

ئوقۇغۇچىلار كاستامونۇنىڭ مەركىزىي مەسچىتلىرىدىن بىرى بولغان ئۇلۇغ جامى ھويلىسىدا يىغىلدى ۋە قۇرئان تىلاۋىتى قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. ئارقىدىن ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى

ۋەزىيەتلەر قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ تارىختىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى»نى خاتىرىلىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2019-يىللىق ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىسى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە، مارىلاند ۋە باشقا ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن، شۇنداقلا تۈركىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى 9-نويابىر كەچقۇرۇن «ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تورى»نىڭ پائالىيەت زالىغا يەنە بىر قېتىم يىغىلدى. مۇراسىم زالىنىڭ تۆرىدىكى سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىللە تىكلەنگەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بايراقلىرى بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ كەيپىياتىغا ئالاھىدە مەزمۇن قوشتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى رەئىسى قۇتزات ئالتاي ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ، بۇ قېتىملىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا سابىت داموللا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەرپا بولۇشىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى، بۇ يولدا ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزغان شېھىتلەرنى ياد ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى گېرمانىيەدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

9-نويابىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 1933- ۋە 1944-يىللىرى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئىستىقلال مارشى» بىلەن باشلاندى.
بۇ مۇراسىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى، ئۇيغۇر مېھرىبان ئانىلار بىرلىكى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مۇكەممەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇراسىمغا ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىناس دوستى مارگارېتتا باۋزې خانىم گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىن ئالايىتەن كېلىپ، بۇ مۇراسىمغا قاتناشتى. ئۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستان» ئىبارىسىنى ئىشلىتىپ، ساپ ئۇيغۇرچە كىيىنگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «خىتاي مانا بۇ مەدەنىيەتنى ۋە بۇ كۈرەشچان مىللەتنى ھەرگىز يوقىتالمايدۇ!» دېدى.

ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
10-نويابىر ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1933- ۋە 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشتى.

جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز بۈگۈن كەچ ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى پائالىيەت بىلەن داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىدۇ.

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 1666 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2019 13:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق