خىتاينىڭ كەيپىيات پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى سىناۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ كەيپىيات پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى سىناۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

تېكنود (Technode) تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ كەيپىياتىنى ئانالىز قىلالايدىغان سۈنئىي ئىدراكلىق كۆزىتىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ، سىناۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
مەزكۇر تېخنىكىدا چىراي تونۇش تېخنىكىسىدىن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى پەرقلەندۈرۈلىدىغان بولۇپ، جىددىيلىشىش، ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىدىكەن.
خىتاي كومپارتىيەسى مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يۇقىرى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ خەلقنى ئومۇمىيۈزلۈك نازارەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، دوكلاتلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيادىكى كۆزىتىش كامېراسى ئەڭ كۆپ ئون شەھەرنىڭ سەككىزى خىتايدا ئىكەن.
ئەمما مۇتەخەسسىسلەر يەنە مەزكۇر كەيپىيات پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى، ئېيتىلغىنىدەك ياخشى ئىشلەپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1354 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2019 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق