يېڭى نەسىلدىن بىر ھەيئەت ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

يېڭى نەسىلدىن بىر ھەيئەت ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى
شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت بۈگۈن ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى ياشلار بۆلۈمىنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەتنى ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى ياشلار بۆلۈمى رەئىسى سەردار بايرام ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
ھەيئەت زىيارەتتە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز لاگېرلارغا قاماپ، خەلقىنى ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ھەمدە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى.
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى ياشلار بۆلۈمى ھەر قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىشىپ، خىزمەت قىلىشقا كېلىشتى. دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ھەمكارلىقىنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سەردار بايرامغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن لوڭقا تەقدىم قىلدى.

بۇ خەۋەر 1139 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق