كاستامونۇدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

 

21-مارت تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ كاستامونۇدىكى ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى. 
شەرقىي تۈركىستانغا ئاجرىتىلغان ئورۇندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەشھۇر شەخسلەر ۋە خىتاينىڭ ھازىرقى قىرغىنچىلىقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن سۈرەتلەر ۋە ھەرخىل مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تىزغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي بىناكارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن كىچىك ئۆينىڭ مودېلىنى كۆرگەزمە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە نامايەن قىلدى. 

پائالىيەتكە كاستامونۇ شەھەر باشلىقى، مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقا نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار قاتناشتى. پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىنغان ئورۇننى زىيارەت قىلغان زىيارەتچىلەر ئۇيغۇلارنىڭ پولو، سامسا قاتارلىق تاماقلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىندى. ئوقۇغۇچىلار زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ساما ئۇسسۇلىنى ئورۇنلاپ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشتى.

 

 

بۇ خەۋەر 1621 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2019 18:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق