دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تۈرك دۇنياسىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

22-ئۆكتەبىر دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تۈرك دۇنياسىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۈلتۈرىنى تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، پائالىيەتكە نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۈچ كىشىلىك ھەيئەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ھىلال تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر قاتناشتى.
پائالىيەتنى تىخىمۇ جانلىق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەنقەرەدىن ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى ياساش ئۈچۈن ئالاھىدە ئېلىپ كېلىنگەن چېدىر قۇرۇلدى. چېدىرغا شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈرىگە ئائىت بۇيۇملار، يېمەك-ئىچمەكلىرى قويۇلغان بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر چېدىرنى زىيارەت قىلدى. بۇ پائالىيەتكە دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېنىڭ دوكتور، پىروفېسسورلىرى، تۈرك تىلى ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىلىرى قاتناشتى. ئۇندىن باشقا دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىنىڭ ياردەمچىلىرى كېلىپ پائالىيەتكە ياردەملەشتى. ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى چېدىرنى زىيارەت قىلىپ: « بىز نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن كىتابتىن سۆزلەۋاتىمىز. سىلەر بولساڭلار بىزنىڭ ئېغىزىمىزدا سۆزلەپ ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەن ئىشلارنى قىلدىڭلار» دېدى.
ئارقىدىن مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم پائالىيەت باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 1253 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق