كادىكۆيدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى

كادىكۆيدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى

16-ئۆكتەبىر كادىكۆي ئانادولۇ ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
دوكتور ئابدۇسالام «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن كېيىنكى زۇلمەتلىك كۈنلىرىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئابدۇسالام شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن بارلىق يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ، رەزىل مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، دىنىدىن ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، قىيىن-قىستاقلاردا نۇرغۇن ئۆلىمالارنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ خەۋەر 1054 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2019 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق