بۇرسا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى


20-مارت تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتنى ئەنسار ۋەقفىنىڭ بۇرسا شۆبىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم ۋە ئابدۇلھەمىد قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم بىلەن ئابدۇلھەمىد خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەردە قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 1485 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2019 18:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق