خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ۋىزا چەكلەش پىلانى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ۋىزا چەكلەش پىلانى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ 9-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان.
ۋىزا چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلار ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تارماقلىرى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان شەخسلەر ئىكەن.
7-ئۆكتەبىر ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جىنايىتىگە ئالاقىسى بولغان 28 ئورگان ۋە شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ۋە ئەتىسىلا يەنە بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى كونا ئادىتى بويىچە ئامرىكىنىڭ بۇ قارارىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ۋىزا چەكلەش تىزىملىكى تۇرغۇزۇشنى پىلانلىغان.
نۆۋەتتە خىتاي كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 615 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2019 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق