ن ب س قانىلى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە مەخسۇس پىروگرامما ئىشلىدى
ن ب س قانىلى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشكەن ن ب س قانىلى مۇخبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغان.
زىيارەت ھەققىدىكى خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇخبىرلار خوتەندىكى ئىككى جازا لاگېرىنى ۋە قەشقەردىكى بىر جازا لاگېرىنى زىيارەت قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئالدىن تەييارلىۋالغان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، بۇ جايلارنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇخبىرلار قامالغانلارنىڭ مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرلار جازا لاگېرىغا قامالغان كىشىلەرنىمۇ قىسقىچە زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆگىتىلگىنى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە قانۇنغا خىلاپ قىلغانلىقىنى، بۇ جايدا تەربىيەلىنىپ، ئۆزگىرىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
مۇخبىرلار خىتاي خادىملىرىدىن جەمئىي قانچە جازا لاگېرىنىڭ بارلىقىنى، قانچىلىك كىشىنىڭ قامالغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. خىتاي خادىملىرى يەنە جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ يېنىك خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەر، ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەر ۋە تۈرمىدىن قايتۇرۇلغانلار دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قامالغانلارنىڭ ئاساسلىقى خىتاي تىلى، قانۇن-نىزام ئۆگىنىدىغانلىقنى بىلدۈرۈشكەن.
خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، مەجبۇرىي كوممۇنىستىك ئىدىيەنى سىڭدۈرمەكچى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ن ب س قانىلى جازا لاگېرى تونۇشتۇرۇلغان مەخسۇس پىروگرامما ئىشلىگەن بولۇپ، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تېلېۋىزىيە قانىلىدا تارقىتىلغان.