تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى

تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى
4-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى، پىروفېسسور، دوكتور يۈجەل ئوگۇرلۇنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.
زىيارەتتە ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن دوكتور يۈجەلنىڭ تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئارقىدىن دوكتور يۈجەلنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ يازغان ماقالىلىرى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش ۋە ئوقۇش جەريانىدىكى ياردەملىرىگە رەھمەت ئېيتىپ، تون ۋە چىمەن دوپپا كىيدۈرۈپ، خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى.
دوكتور يۈجەل ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئوقۇش، تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئىزچىل ياردەم قىلىپ كەلگەن مەكتەپ مەسئۇللىرىدىن بىرى. ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يېزىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تۈرك دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.

 

بۇ خەۋەر 1041 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2019 17:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق