سوتسىيالىستىك يېڭى كەنت قۇرۇلۇشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سوتسىيالىستىك يېڭى كەنت قۇرۇلۇشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
26-سېنتەبىر زېمىستان تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «سوتسىيالىستىك يېڭى كەنت بەرپا قىلىش» نامىدا ئېلىپ بارغان مەھەللە-كەنتلەرنى چېقىش ھەرىكىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
خەۋەردە شى جىنپىڭ 2005-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىگە سېكرېتار بولغاندا ئوتتۇرىغا قويغان «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇپ چىقىش» سىياسىتىنى بارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدە رەسمىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغانلىقى، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇپ چىقىش شوئارى ئاستىدا خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ-تۈزلەپ، خەلقكە قاتتىق بېسىم قىلغانلىقى، بۇ يىل 5-ئايدا «گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىش» نامىدا خۇبېي ئۆلكىسى چۇڭياڭ ناھىيەسىدە نەچچە ئون خۇسۇسىي زاۋۇتلارنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەنلىكى، زىيانغا ئۇچرىغان زاۋۇت ئىگىلىرىنىڭ ئەرز قىلىدىغان ئورۇن تاپالماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، ھەتتا كوممۇنىستلارنىڭ بىر قىسىم دېھقانلارنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي سۆرەپ چىقىپ، ئۆيلىرىنى چاققانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئالدىنقى يىلى شەرقىي تۈركىستاندا «گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىش» ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆي ۋە ھويلا-ئاراملارنى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبتا سېلىشقا مەجبۇرلىغان ئىدى.

 

بۇ خەۋەر 1156 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2019 18:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق