مالايشىيا ئەلچىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى ئاشكارىلىدى

مالايشىيا ئەلچىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى ئاشكارىلىدى
26-سېنتەبىر سىنگاپور خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مالايشىيا ئالاھىدە ئەلچىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مالايشىيا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنى تەسس قىلىپ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت كۈچى ۋە «بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى» نامىدا قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرى ئارقىسىدا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى، خىتاي «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۆسمۈرلەرنى قۇرئان كەرىم ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشتىن چەكلەش قىلمىشىنىڭ بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مالايشىيا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا بىر نەچچە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي چەكلىمىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلەپ مەكتۇب يازغان. خىتاي مەزكۇر مەكتۇبنى باھانە قىلىپ، مالايشىيادا باشلىماقچى بولغان نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ۋە مالايشىيانىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ياقىسىغا سالماقچى بولغان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشتىن چېكىنگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مالايشىيا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، بىراق خىتاي بىلەن داۋام قىلىۋاتقان يىلىغا بىر مىليارد دوللارلىق سودا مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدىكەن.

بۇ خەۋەر 589 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2019 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق