خىتاينىڭ ئورگان تىجارىتى جىنايىتى ھەققىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

خىتاينىڭ ئورگان تىجارىتى جىنايىتى ھەققىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

بۈيۈك دەۋر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 18-سېنتەبىر فىنلاندىيەنىڭ ھېلسىنكى شەھىرىدە «دۆلەت خاراكتېرلىك ئادەم ئورگىنى بۇلاڭچىلىقى» مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان.
يىغىننى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللاش تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، خەلقئارادىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇخبىرلار ۋە ئالاقىدار گۇۋاھچىلار قاتناشقان.
يىغىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرى دەلىل-ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مۇستەقىل سوتنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق قارار چىقىرىپ بولغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ رېئال ھەقىقەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغان ئەنۋەر توختى يىغىندا خىتاينىڭ جىنايەتچىلەرنىڭ ئورگانلارنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش جىنايىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. شۇنداقلا ھازىر جازا لاگېرىغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرىغا ئوخشاش بۇ جىنايىي قىلمىشنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇندىن باشقا مۇتەخەسسىسلەر Plus One، Transplantation قاتارلىق ئىككى ژۇرنالنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ 15 پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى، سەۋەبى بولسا خىتاينىڭ تەجرىبىگە ئىشلىتىلگەن ئىچكى ئەزالارنىڭ مەنبەسىنى ئېيتىپ بېرەلمىگەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا ئەنگلىيە تېببىي ژۇرنىلىنىڭ دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ 400 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسىنىڭ %90 پىرسەنتىدە ئىچكى ئەزالارنىڭ مەنبەسى نامەلۇم ئىكەن.
يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى داۋىد ماتاس فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسنى ئۆتەۋاتقان فىنلاندىيەنىڭ بۇ مەسىلىنى سىياسىي كۈنتەرتىپكە ئەكېلەلەيدىغانلىقىنى، گەرچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ھەيئىتىگە ئەزا بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇ ھەقتە پىكىر بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

بۇ خەۋەر 838 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2019 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق