جامال قاشىقجى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھېساباتى توڭلىتىلدى

جامال قاشىقجى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھېساباتى توڭلىتىلدى

20-سېنتەبىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تىۋىتتېر بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقجى جىنايىتىدە ئاچقۇچلۇق رولى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سۇئۇد ئەل كەھتان قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھېساباتىنىڭ توڭلىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
باياناتتا ژۇرنالىست جامال قاشىقجى جىنايىتىدە ئاچقۇچلۇق رول ئالغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىرنى ئاساس قىلغان 267 ھېسابنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقى، توڭلىتىلغان ھېسابلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مېدىياسىغا چېتىشلىق ۋاسىتىچىلەر ئىكەنلىكى، يەنە بىر قىسمىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى قوللاپ ئۇچۇر تارقىتىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا يەنە تېۋىتتېرنىڭ قائىدە-نىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەمەد بىن سالماننىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى كاھتاننىڭ ھېسابىنىڭمۇ توختىتىپ قويۇلغانلىقى، ئۇنىڭ 2-ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 598 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2019 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق