شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ب د ت دىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى

شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ب د ت دىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 17-سېنتەبىر باشلانغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنىش-ئېلىنماسلىقى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.
خەۋەردە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بۇ قېتىملىق ب د ت يىغىنىدا جازا لاگېرى مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ خىتاينى ئەيىبلەيدىغانلىقى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتايغا بېسىم چۈشۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
رويتېر ئاگېنتلىقى مەلۇم ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئاقساراينىڭ پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ 24-چېسلادىكى 193 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرىغا سۆزلەيدىغان نۇتۇقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىش-ئالماسلىقىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇندىن باشقا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا قانۇنشۇناسلار ھەيئىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق بەش تەشكىلات 17-سېنتەبىر ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېسقا خەت يېزىپ، بۇ قېتىملىق ب د ت يىغىنىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. باش كاتىپ ئانتونىيو چارشەنبە بۇ خەتكە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە خىتاي بىلەن ئىزچىل سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 752 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2019 21:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق