«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ماقۇللۇقتىن ئۆتتى
11-سېنتەبىر «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.
خەۋەردە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ماقۇللىنىش يولىدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، مەزكۇر قانۇننى باش بولۇپ تونۇشتۇرغان پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن بوب مەنەندەزلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بۇ ھەقتە قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
قوشما باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «بۇ قانۇن لايىھەسى مۇستەبىت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۆلەملەشتۈرگەن دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلارغا سەۋەبسىز قاماش قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەم. قانۇن لايىھەسىنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسىتى ئالغان كىشىلەرگە قاراتقان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى خېلى بۇرۇنلا جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك ئىدى».
خەۋەردە پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ يەنە ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنى بۇ قانۇننى دەرھال ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانلىقى، بوب مەنەندەزنىڭ بولسا: « مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇلغان، خىتاي تەرىپىدىن ئەمگەك لاگېرلىرىغا بەند قىلىنغان پەيتتە پارلامېنت بۇ قانۇن لايىھەسىگە تەتۈر قارىۋالمايدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن لايىھەسى ئىلگىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلغان بولۇپ، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتسە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئىمزا قويغاندىن كېيىنلا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1243 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2019 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق